فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەتنىڭ تەرجىمھالى

 ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە  تۇغۇلغان. باشلانغۇچ  ۋە  ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل - سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا  ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ،  ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت - ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت  ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان.

 ئۇ 1990- يىلىدىن باشلاپ فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىنى ئۆگۈنىشكە كىرىشكەن.  ئۇ ئانا يۇرتىمىزنىڭ بىپايان سېھىرلىك قوينىدىكى تىلسىملاردىن گۈزەل دۇردانىلارنى قېزىپ، يوقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە فۇتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئاپىرىدە قىلىپ گۈزەللىككە تەشنا قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان ئستىداتلىق فوتوگراف. ئۇنىڭ «ئادەم ۋە تەبىئەت» تېمىسىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرى مول تەسەۋۋۇرغا، مۇكەممەل قۇرۇلمىغا، كۆركەم نۇر سەنئىتىگە، سىرلىق ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بەدىئىي سەنئەتنىڭ جۇلالىق گۆھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گاھىدا بۇشلۇقتا لاچىندەك پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ۋادىلارنى سۈرەتكە تارتقان بولسا  بەزىدە مېھرى ئاتەش زېمىننى باغاشلاپ، كىشىنىڭ قەلبىنى لال قىلىدىغان جۇلالىق كارتىنىلارنى خاتىرىلەيدۇ. تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جەسور، نازاكەتلىك قىياپىتىنى يوقىرى بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەپ گۈزەللىك بابىدا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ. ئۇ  ئۇيغۇر فۇتوگرافىيە سەنئىتى ساھەسىدە يۈكسەك پەللىنى يارىتىپ ئۇيغۇر خەلقى  قەلبىدىن ئورۇن  ئالغان  سەنئەتكاردۇر . 

     2008- يىلى 3- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا سۇلۇق يەرنى قوغداش» تېمىسىدىكى فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «سۇلۇق يەردىكى سېھېرلىك خەت»، «قاناسقا كۈز كەلدى» ناملىق ئىككى پارچە فۇتۇ سۈرەت ئەسىرى 3 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2008 -يىلى  12-    ئايدا ئۇيغۇر رايونلۇق 15- نۆۋەتلىك  فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «ئەگىم-ئەگىم كۈنەس دەرياسى»، «يالقۇن» ناملىق فۇتو سۈرەت ئەسىرى مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 2010- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «تېلگراف لوڭقىسى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «ئىناق يەر شارى» ناملىق ئەسىرى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2010 - يىلى 6- ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 10- نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارالىق فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «جەلپكار سۇلۇق يەر» ناملىق ئىككى پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2011- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «گۈزەل تەبىئەت» فۇتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە «سۇلۇق يەردىكى سېھىرلىك خەت» ناملىق ئەسىرى 2-  دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2012- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيىسى ژورنىلى ئورۇنلاشتۇرغان جۇڭگو رايونى فۇتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە «تەبىئىي قۇم يېزا» ناملىق ئەسىرى تاللىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2013- يىلى 4- ئايدا «سۇلۇق يەردىكى سېھىرلىك خەت» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات 4- نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەتمۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.